03/11/2024
غايىڭىز نېمە؟ . ئادەم ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەنلا ئئكەلگۈسىگە كۈچلۈك ئۈمىد باغلىيالايدۇ ۋە ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلىدە قىلالايدۇ. ھەرقانداق نەرسە ئىككى قېتىم يارىتىلىدۇ، بىرى تەسەۋۋۇردا، يەنە بىرى ئەمەلدە دېيىلىدۇ. ئەمما ئارزۇ-ئارماننىڭ چېكى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. بىرىنچى شەرتى سىزدە ئۆزىڭىز ئارمان قىلغان ئىشنى قىلالايدىغان تالانت بولۇشى لازىم. ئەكسىچە تالانت بولمىسا، ئۇنى قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: ئىنتايىن پاكار بىرىنىڭ باسكىتبول چىمپىيونى بولۇشنى،ئاۋازى سەت بىرىنىڭ ناخشا چولپىنى بولۇشنى ئارزۇ قىلغىنىغا ئوخشاش. ئىككىنچى شەرتى قايتماس ئىرادە بولۇشى لازىم. چۈنكى سىزدە ناھايىتى ۋە ياخشى ئارزۇ-ئارمان بولۇپ كۈچلۈك ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق بولمىسا، ئارزۇ-ئارمانلار يۈز يىلدىمۇ شۇ پېتى قالىدۇ.